سەئۇدى ئەرەبىستان تەخمىنەن 3 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان قاتارغا قارىتىلغان ئېمبارگونىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فارخان ئەل سەئۇدنىڭ باياناتىدا، سۆھبەتتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىندى.
ئەل سەئۇد ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە خەلقئارا سىياسىي تەتقىقات ئورنى (ISPI) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان MED ئوتتۇرا دېڭىز دىئالوگ مۇنبىرىدە سۆز قىلىپ ، سۆھبەتنىڭ ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۇۋەيتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد ناسىر ئەس-ساباھنىڭ يىغىن جەريانىدا مۇرەسسە ئورنىدا تۇرغان باياناتىدا ، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مول نەتىجىلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
2017-يىلى 6-ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەر باشچىلىقىدىكى دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈپ ، ۋەزىيەت رايوندا كرىزىس پەيدا قىلدى.
ئەگەر ئەڭ يېڭى مۇزاكىرىلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا ، 3 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان قاتار كرىزىسى ئاخىرلىشىدۇ.
2020-12-05
مەنبە: Mepa News