ۋېنېزۇئېلادا ، ھازىرقى پرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاق ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن بايقۇت قىلىنغان پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلدى.
مادۇرو سايلامدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە غەلبىنى ئېلان قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ۋېنېزۇئېلا مەملىكەتلىك سايلام كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئىندىرا ئالفونزو سايلام نەتىجىسى ھەققىدە توختىلىپ ، مادۇرو باشچىلىقىدىكى ۋېنېزۇئېلا بىرلەشمە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ۋە سايلامدا ئىتتىپاقلاشقان پارتىيەلەرنىڭ 67% ئورۇنغا ئېرىشىپ ، سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئالفونزو مۇنداق دېدى: بۇ دۆلەتكە تىزىملاتقان 20 مىليون سايلىغۇچىنىڭ پەقەت 31 پىرسەنتىلا بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان.
ئۆكتىچىلەر بايقۇت قىلغان سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2015-يىلى ئۆكتىچىلەر قاتناشقان سايلامدا ، بېلەت تاشلاش نىسبىتى% 75 كە يېقىنلاشتى ، قارشى تۇرغۇچىلار 167 ئورۇندىن 112 گە ئېرىشىپ ، سايلامدا غەلىبە قىلدى.
2020-12-07
مەنبە: Mepa News