تېخنىكا ماگناتى خۇاۋېينىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلىتىشى ئۈچۈن سۈنئىي ئىدراك يۇمشاق دېتالى ئىشلەپچىقارغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ تەتقىقات شىركىتى IPVM نى ئاساس قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا ، خۇاۋېي 2018-يىلدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار بىلەن رايوندا ئىشلىتىش ئۈچۈن يۈز تونۇش سىستېمىسىنى ياساپ چىققان.
بۇ تېخنىكىلارنى خۇاۋېينىڭ مۇھىم ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان مېگۋىي تەتقىق قىلىپ چىققانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تىلغا ئېلىنغان كامېرا سىستېمىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالدىن پەرەز قىلىنغان ئۇچۇرلارنى سۈنئىي ئىدراك بىلەن تىزىپ چىققانلىقى بايان قىلىنغان.
تەرەققىي قىلغان سىستېما ئۇيغۇر دەپ پەرەز قىلىنغان ئادەمنى بايقىسا، خىتاي ساقچىلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدىكەن. گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ تېخنىكىلارنىڭ رايوندا ئىشلىتىش قېتىم سانىنىڭ ئاشقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ ، ئەمما خۇاۋېينىڭ تۇنجى قېتىم بۇنىڭدا باش رول ئوينىشى.
خۇاۋېينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى رايوندا نازارەت قىلىش ۋە ئىز قوغلاش مەقسىتىدە قوللىشى ئىنكاس قوزغىدى. خۇاۋېينىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان رول ئوينىمايدىغانلىقى ، ھەمدە بۇ رايوندىكى سىياسىتىگە ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كەڭ ۋە ئاكتىپ ھەمكارلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى
شەرقىي تۈركىستاندا ، خىتاي رايون خەلقىنى ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئېلىپ بارماقتا ۋە مىليونلىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگېرلىرىنىڭ مەقسىتىنى «ئاشقۇنلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كەسپىي تەربىيىلەش ۋە مەدەنىيەت پائالىيىتى» دەپ تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، جازا لاگېرلىرىدا قىيناش، باسقۇنچىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك قاتىللىق قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كىشىنى چۆچۈتىدۇ.
2020-12-10
مەنبە: Mepa News