كانادانىڭ ھازىردىن باشلاپ خىتاي بىلەن بولغان بارلىق ھەربىي مانېۋىرنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ئېلان قىلىندى.
كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خارجىت ساججان بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن ھەربىي مانېۋىر پروگراممىسىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ساججان ئىككى يىل خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادا پۇقرالىرىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «بىز خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلغان كانادا پۇقرالىرىغا بولغان ئىنكاسىمىزنى داۋاملىق بىلدۈرىمىز» دېدى ۋە بۇ ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىكى سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
خىتاي بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى.
كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك جىددىيلىك ئالدى بىلەن 2018-يىلى 12-ئايدا كانادانىڭ ۋانكۇۋېردا خۇاۋېي خوجايىنىنىڭ قىزى مىڭ ۋەنجۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن باشلانغان.
بىر مەزگىل تۈرمىدە ياتقان ۋە 10 مىليون دوللار تۆلەم بىلەن قويۇپ بېرىلگەن ۋەنجۇنىڭ سوتى داۋاملاشماقتا.
ۋەنجۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ، خىتاي ئالدى بىلەن كانادانىڭ سابىق دىپلوماتى مايكول كوۋرىگ ۋە سودىگەر مايكېل سپاۋورنى دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالدى.
2020-12-12
مەنبە: Mepa News