ئاسىياخەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيانكەشلىكلىرگە قارشى ئېتىراز بىلدۈرۈگەن مۇسۇلمان رەھبەر قولغا ئېلىندى

ھىندىستاننىڭ بومبايدا ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىغا نارازلىق بىلدۈرگەن مۇسۇلمان رەھبىرى مۇھەممەد سەئىد نۇرى قولغا ئېلىنغان.

يەرلىك مەنبەلەرگە قارىغاندا، نۇرى باشچىلىقىدىكى «رىزا ئاكادېمىيىسى» ئەزالىرى بومبايدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن.

نامايىشتا ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىلەن ئىتتىپاقلىق ئىپادىلەندى ۋە خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى قىلمىشلىرى نامايىش قىلىندى.

ھىندىستان ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا ئارىلاشقان ۋاقىتتا ، ئۇلار مۇھەممەد سەئىد نۇرى ۋە باشقا 5 كىشىنى قولغا ئالغان.

مۇھەممەد سەئىد نۇرىنىڭ رەھبەرلىكىدە ، «رىزا ئاكادېمىيىسى» سۈننىيلەردىن تەشكىللەنگەن ھەرىكەت. ئۇلار ھەر خىل نەشىر بويۇملىرى ۋە كىتاب نەشر قىلىدىغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دەخلى-تەرۇزغا قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرىنىمۇ ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ ھەرىكەت ئىلگىرى پاكىستاننىڭ ھىندىستاندىكى پائالىيەتلىرىگە ، شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ئاراكاندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىققا نارازلىق بىلدۈرگەن.

2020-12-14

مەنبە: Mepa News

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button