ئامېرىكا، تۈركىيە روسىيەدىن S-400 سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن جازا قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ جازالاش قانۇنى (CAATSA) دائىرىسىدە قوللىنىلىدىغان جازاغا ئاساسەن ، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى رەئىسلىكى ۋە ئورگان مەسئۇللىرى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەرگە قارىغاندا، پومپ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جىددىي چاقىرىق قىلغان. باياناتتا تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن قىممەتلىك ئىتتىپاقدىشى ۋە مۇھىم رايون بىخەتەرلىك ھەمراھى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
يۈرگۈزۈلدىغان جازا بەش تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
– دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى رەئىسلىكىگە تاۋار ۋە تېخنىكىنىڭ يۆتكىلىشى ئۈچۈن ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى بېرىشنى مەنئى قىلىش.
– ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ 12 ئاي ئىچىدە 10 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن مەزگىلدە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى رەئىسلىكىگە قەرز بېرىشىنى چەكلەش.
– ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت – ئىمپورت بانكىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە بولغان قوللىشىنى چەكلەش.
– ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى رەئىسلىكىگە پايدىلىق قەرزلەرگە قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتى.
– مۇداپىئە سانائىتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل دېمىر ، مۇئاۋىن پرېزىدېنت فارۇق يىگىت، SSB ھاۋا مۇداپىئە ۋە ئالەم قاتنىشى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سېرھات گېنچوغلۇ ۋە SSB رايونلۇق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى باشقارمىسىنىڭ پروگرامما دېرىكتورى مۇستاپا ئالپېر دېنىز قاتارلىق شەخىسلەر.
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىدا جازا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىدۇ.
تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئىنكاس قايتۇردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ CAATS دائىرىسىدە تۈركىيەگە جازا يۈرگۈزۈش قارارىغا ئىنكاس قايتۇردى.
ئېمبارگونىڭ نىشانى بولغان مىنىستىر مېۋلۇت چاۋۇشوغلۇ، پرېزىدېنت باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ۋە پرېزىدېنت مۇداپىئە سانائىتى رەئىسى ئىسمائىل دېمىرمۇ جازاغا قارىتا ئىنكاس قايتۇردى.
ئۇندىن باشقا ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف ۋە ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېف جازا قارارىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى.
2020-12-15
مەنبە: Mepa News