جو بايدىننىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقى رەسمىي تەستىقلاندى

ئامېرىكىدا 538 ۋەكىل بىلەن تاللاش كومىتېتى دېموكراتىك كاندىداتى جو بايدىننى ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى قىلىپ تەستىقلىدى.

شۇنداق قىلىپ، بايدىن ئامېرىكىنىڭ 46-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولدى.

بايدىن 3-نويابىردىكى سايلامدا تىرامپنى مەغلۇب قىلدى ۋە غەيرىي رەسمىي نەتىجىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بولدى.

تاللاش كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن بايدىننىڭ غەلىبىسى رەسمىي بولدى.

سايلامدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلغان بايدېن تىرامپقا قارىماي ، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيەسىنىڭ ئورنى بارلىقىنى تەكىتلىدى. بايدېننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بىرىنچى ۋە ئاساسلىق مەقسىتى خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى تەدبىر قوللىنىش ۋە ئىقتىسادىي ياردەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەن.

بايدىن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى سۈپىتىدە قەسەم بېرىپ رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ.

2020-12-15

مەنبە: Mepa News

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Scroll to Top