ئاسىيائامېرىكاخەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيە خاككېرلىرى ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر مىنىستىرلىقىنى نىشانلىدى

تۈنۈگۈن ئامېرىكا خەزىنە ۋە سودا مىنىستىرلىقىغا قارىتىلغان تور ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى بۈگۈن ھۇجۇمنىڭ نىشانى بولدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا روسىيەنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئالدىنقى كۈنى ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى ۋە سودا مىنىستىرلىكى كەڭ كۆلەمدە تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى جون ئۇللىيوتنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، بۇ ھۇجۇمنى چەتئەل ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغان ئىكەن.

باياناتتا، تور ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ئىككى مىنىستىرلىق قارمىقىدىكى دۆلەتلىك تېلېگراف ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسىگە سىڭىپ كىرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

2020-12-16

مەنبە: Mepa News

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button