تالىباننىڭ قاتاردىكى سىياسىي ئىشخانىسىدىن كەلگەن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن پاكىستاننىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن ئىسلامئابادقا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتكە بارماقچى.
پاكىستاننىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن، تالىبان سىياسىي ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى موللا ئابدۇللانى بىرادېر باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى پاكىستاننى رەسمىي زىيارەت قىلىدۇ.
زىيارەت جەريانىدا تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش مىنىستىر ئىمران خان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشى بىلەن كۆرۈشەلەيدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە ، قاتاردىكى تالىبانلار بىلەن كابۇل ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوتتۇرىسىدا ئافغانىستانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت داۋاملاشتى.
3 ئاي داۋاملاشقان ئافغانىستان ئارا سۆھبەتنىڭ 23 كۈن توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.
2020-12-16
مەنبە: Mepa News