ئىراننىڭ يەر ئاستىدا يېڭى يادرو ئەسلىھەلىرى قۇرۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (AP) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىراننىڭ پايتەختى تېھران بىلەن بولغان ئارىلىقى 90 كىلومىتىر كېلىدىغان فوردو يادرو ئەسلىھەلىرىدىكى قۇرۇلۇش ئورنى پائالىيىتى ئەسلىگە كەلگەن ئىكەن.
AP يەنە رايوندىكى پائالىيەتلەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ رەسىمىنى ھەمبەھىرلىدى.
ئىران ھاكىمىيىتى 2015-يىلدىكى يادرو كېلىشىمىگە ئاساسەن فوردودىكى ئۇراننى موللاشتۇرۇشنى توختىتىشقا قوشۇلدى.
ئىران ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەكبەر سالىھى تەخمىنەن 3 ئاي ئىلگىرى دۆلەت تېلېۋىزىيىسى بىلەن سۆھبەتلەشكەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ «ناتانز ئەتراپىدىكى تاغلارنىڭ مەركىزىدە» يېڭى يادرو ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
يېقىندىن بۇيان ئىران بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى يادرو جىددىيلىكى يەنە بىر قېتىم كۈچەيگەن بولسىمۇ ، مۆلچەرلىنىشىچە ، بۇ جىددىيلىك 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كېيىن دىپلوماتىيىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان بولۇپ ، جو بايدىننىڭ ئامېرىكىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى مۆلچەرلەنگەن.
2020-12-19
مەنبە: Mepa News