ئىگىلىنىشچە ، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا كۆرۈنەرلىك تەبىئىي گاز ۋە نېفىت زاپىسىنى بايقىغان.
PetroChina شىركىتىنىڭ بۇ رايوندىكى شۆبىسىنىڭ باش دېرىكتورى خۇ سىن مۇنداق دېدى: جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇنجى قېتىملىق بۇرغىلاش نەتىجىسىدە 109 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى.
خۇ فامىلىلىكنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەر ئويمانلىقنىڭ جەنۇبىدىن 156 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرنى ئىگىلەيدىكەن، ھەر كۈنى 610 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ۋە 106.3 كۇب مېتىر خام نېفىت زاپىسىدىن قويۇپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
تاجاۋۇزچى خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كونتروللۇقىدىكى شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى ئالتۇن ، پىلاتىنا ، كۈمۈش ، ئۇران ، كۆمۈر قاتارلىق نېفىت ۋە نېفىتتىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئاز ئۇچرايدىغان تەبىئىي بارلىقلارنى تالان تاراج قىلماقتا.
2019-يىلى ئۆكتەبىردە ، PetroChina رايوننىڭ جەنۇبىدا يەنە 115 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسىنى تاپقان.
2020-12-21
مەنبە: Mepa News