خىتاي سىنوفارم شىركىتى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان Covid-19 ۋاكسىنىسى خىتايدا تۇنجى بولۇپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن ۋاكسىنا ھېساپلىنىدۇ.
خىتاي دۆلەتلىك تېببىي مەھسۇلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن شىفېي سىنوفارم تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ۋاكسىنىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشكە تەستىقلانغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ شىركەت تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان نەتىجىگە قارىغاندا، كلىنىكىلىق سىناقنىڭ ۋاكسىنىنىڭ%79.34 ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ تەستىقتىن كېيىن داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ھازىرغا قەدەر خىتايدىكى 14 ۋاكسىنا نامزاتىغا قارىتا ئىنسانلارنىڭ سىناقلىرى تەستىقلانغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ 5 نەپىرىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق كلىنىكىلىق سىناققا ئۆتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
2020-12-31
مەنبە: ŞARKULAVSAT