ئىران ئىنتېرپولغا ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن قاسىم سۇلەيمانىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 48 ئامېرىكىلىق ئەمەلدارغا «قىزىل ئۇقتۇرۇش» «قىزىل قولغا ئېلىش بۇيرىقى» تەلەپ قىلدى.
ئىران ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ باياناتچىسى غۇلام ھۈسەيىن ئىسمائىل پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلار ئارمىيىسى قۇددۇس ئارمىيىسى قوماندانى سولايمانىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنىڭ قانۇنىي مۇساپىسى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
ئىسمايلى ئۆزلىرىنىڭ ئىنتېرپولغا بۇ 48 نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ھەققىدە قىزىل ئۇقتۇرۇش تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
سولايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى
ئامېرىكا 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى باغدات ئايرودرومىدا قۇددۇس قىسىم قوماندانى مايور گېنېرال سولايمانى ۋە ھەشدى شەئبىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەبۇ مەھدى ئەل ئىنژېنېرىنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى.
ھەر ئىككى قومانداندىن باشقا ھەشدى شەئبى ۋە ئىران ھەربىي ئەمەلدارلىرىدىن جەمئىي 10 كىشى ھۇجۇمدا ئۆلدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا تەھدىد سالغانلىقىنى باھانە قىلىپ سولايمانى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2021-01-05
مەنبە: TRTHABAR / AA