خىتاي ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇس يۇقۇمىنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىماقتا.
1990-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ يېڭى يىلدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تۇنجى زىيارىتى ئېلىپ باردى. ھازىر خىتاي ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ھېساپلىنىدۇ.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە يەنە ھەرىكەتكە كېلىپ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇققا بولغان تەسىرىنى ئاشۇردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئافرىقىغا بېرىپ 5 دۆلەتنى زىيارەت قىلدى.
ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋۇخەن ۋىرۇس ۋاكسىنىسىغا ئېرىشىشتە قىينىلىۋاتىدۇ. بېيجىڭ ئۆزى تەرەققىي قىلغان ۋۇخەن ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە ساتماقچى.
خىتايغا بولغان قەرز كۆپەيمەكتە
يەنە بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان قەرزى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.
ئەگەر بۇ دۆلەتلەر خىتاي ۋاكسىنىسى ۋە باشقا ساغلاملىق ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋالسا، بۇ قەرز تېخىمۇ ئاشىدۇ.
2021-01-06
مەنبە: TRTHABAR / AA