گرېتسىيە پارلامېنتى فرانسىيەدىن 18 رافالې كۈرەشچى ئايروپىلانى سېتىۋېلىش قانۇن لايىھىسىنى تەستىقلىدى. پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاش يىغىنىدا، قانۇن لايىھىسى ماقۇللاندى. بۇنىڭدا 18 رافالې ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش كۆزدە تۇتۇلدى. سېتىۋالماقچى بولغان ئايروپىلاننىڭ 6 سى يېڭى ، 12 نىمكەش بولۇپ 2 مىليارد 500 مىليون ياۋرو.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكوس پانايوتۇپۇلوس بېلەت تاشلىغاندىن كېيىنكى باياناتىدا پارلامېنت ماقۇللىغان قانۇن لايىھىسىنىڭ «ھەر تەرەپكە ئېنىق ئۇچۇر يەتكۈزىدىغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويدى. فرانسىيەدىن تۇنجى مال يەتكۈزۈشنىڭ 7-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغانلىقى، 18 ئايروپىلاننىڭ ھەممىسىنىڭ 2023-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ دۆلەتكە كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىدىكى جىددىيلىك كۈچەيگەندىن كېيىن ، ئافىنا ھۆكۈمىتى 2021-يىلدىكى قورال-ياراغ خامچوتىدىكى ئۈلۈشىنى 5 ھەسسە ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى.
ئافىنانىڭ 2021-يىلى مۇداپىئە ئۈچۈن 5 مىليارد 490 مىليون ياۋرو ۋە قورال-ياراغ بۇيۇملىرى ئۈچۈن 2 مىليارد 500 مىليون ياۋرو ئاجرىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەربىي چىقىم پىلانى يېقىنقى 11 يىلدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى.
ئايروپىلاندا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرگە 400 مىليون ياۋرو قوشۇمچە پۇل تۆلەش مۆلچەرلەنگەن. بۇ پروگراممىنىڭ ئومۇمىي خىراجىتى 2 مىليارد 320 مىليون ياۋرو (تەخمىنەن 21 مىليارد TL) غا يېتىدۇ. 2021-يىلى گرېتسىيەنىڭ مۇداپىئە چىقىمى بۇلتۇرقىدىن ئۈچتىن بىر ھەسسە ئېشىپ ، 5 مىليارد 400 مىليون ياۋرو (تەخمىنەن 49 مىليارد TL) غا يەتتى.
ئاق دېڭىزدا بايقالغان تەبىئى بايلىق سەۋەبىدىن گىرىتسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرسىدىكى سۈركىلىش كۈندىن كۈنگە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ كېلىشىمنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى بۇ رايۇندىكى جىددىلىكنىڭ دەرىجىسىنى بىر قەدەم يۇقىرى كۆتۈرۋېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
2021-01-16
مەنبە: MepaNews / تەكلىماكان