نورۋېگىيەدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ياشايدىغان 33 كىشى Pfizer / BioNTech تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان خىتاي ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىن قازا قىلغان، ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ئۆلۈشنىڭ ۋاكسىنى بىلەن «ئانچە مۇناسىۋىتى يوق» لىقىنى ئېلان قىلدى.
Dr. ستېينار مادسېن NYTimes غا بۇ كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ بارلىقىنى ، ۋاكسىنا قىلىنماي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ياشىشىدىن ئۈمىد يوقلىقىنى ئېيتتى. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭمۇ بۇ بىمارلاردا ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان مادسېن، Covid-19 بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ۋاكسىنا ئەملەشتىنمۇ چوڭ خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نورۋېگىيە يۈز بەرگەن ئۆلۈم ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. تۇنجى بايقاشنىڭ بۇ ھەپتە ياۋروپا تېبابەتچىلىك ئورگىنى بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
2021-01-18
مەنبە: BBC تۈركچە / Mepa News