نىگېرىيە سىرتىدىكى گۋىنىيە قولتۇقىدا ساياھەت قىلىۋاتقان تۈركىيە موزارت پاراخوتى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
EOS خەتەر گۇرۇھىنىڭ رەئىسى داۋىد جونسوننىڭ يازما باياناتىدا، ئىستانبۇلدىكى بودېن پاراخوت شىركىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى موزارت ناملىق پاراخوتنىڭ گۋىنىيە قولتۇقىدىكى سان تومېدىن 100 دېڭىز مىلى يىراقلىقتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
باياناتتا، نىگېرىيەنىڭ لاگوستىن جەنۇبى ئافرىقىنىڭ كاپېتوۋنغا قاراپ يولغا چىققان پاراخوتتىكى 19 پاراخوت خادىمىنىڭ 15 نەپىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، 1 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، پاراخوتتىكى 3 كىشىنىڭ دېڭىز قاراقچىلىرى بىلەن پاراخوتتا قالغانلىقى بايان قىلىنغان. دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ پاراخوتنى بۇلىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلەنگەن ۋە پاراخوتنىڭ 4-كاپىتانى فۇرقان يارېنغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاۋاز خاتىرىسىدە: «مەن قارىغۇلارچە مېڭىۋاتىمەن. ئۇلار بارلىق كابېللارنى چۇۋۇپ تاشلىدى، پەقەت رادار ئىشلەيدۇ. ئۇلار يول لېنىيىسىنى كۆرسەتتە، مەن شۇ لېنىيە بىلەن ماڭدىم » دېيىلگەن
تۈركىيە ، تۇتقۇن قىلىنغان خادىملارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن رايوندىكى بارلىق ئەلچىخانىلار سەپەرۋەر قىلىندى.
دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ پاراخوتنىڭ 4-كاپىتانى فۇرقان يارېن بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشقان ۋە پاراخوتتىكى ئەھۋاللار ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان.
چاۋۇشوغلۇ يەنە پاراخوت تەۋە بولغان شىركەتنىڭ تىجارەتچىسى ئوسمان لېۋېنت كارسان بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى ۋە تەزىيە بىلدۈردى، تۇتقۇن قىلىنغان خادىملارنى تېزدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
چاۋۇشوغلۇ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيخۇن بايراموفقا تېلېفون قىلىپ، قازا قىلغان پاراخوتتىكىلەردىن ھال سورىدى ۋە پاراخوتنىڭ پورتقا توختىغاندا جەسەتنى ئەزەربەيجانغا يۆتكەش خىزمىتىنىڭ دەرھال باشلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
2021-01-24
مەنبە: TRTHABAR / AA / Euronews / Mepa News