خىتاي بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشتىكى چېگرا رايونىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە ، تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان چېگرا رايونىدا خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئىككى دۆلەتنىڭ تاراتقۇلىرى ئىككى تەرەپتىن يارلانغانلارنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.
چارشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ سىككىم رايونىنىڭ شىمالىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ھىندىستان ئارمىيىسى «كىچىككىنە ۋەقە» نىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە «مەسىلە ھەل قىلىنغانلىقى» نى ئېلان قىلدى.
6-ئايدا، لاداخنىڭ گالۋان ۋادىسىدىكى يەنە بىر تالاش-تارتىشتىكى چېگرا نۇقتىسىدا ئىككى دۆلەت ئەسكىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان جەڭدە كەم دېگەندە 20 ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى.
خىتاي ئەسكەرلىرى ئارىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ياكى يارىلانغانلارنىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدا ھېچقانداق چۈشەنچە يوق.
2021-01-25
مەنبە: BBC Türkçe / Mepa News