899
خىتايدىن زاكاز قىلىنغان 6 مىليون 500 مىڭ دورا ۋاكسىنىنى ئېلىپ يۈرگەن ئايروپىلان ئىستانبۇل ئايرودرومىغا قوندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە Kovid-19 ۋاكسىنىسىنى توشۇيدىغان «بوئىن 777» تىپلىق ئايروپىلان ۋە «TK 6175» تىپلىق ئايروپىلانلار 06.15 دە ئىستانبۇل ئايرودرومىغا قوندى.
ۋاكسىنا يەنە سەھىيە مىنىستىرلىكى ئاممىۋى سەھىيە تېبابىتى ۋە ۋاكسىنا ئامبىرىدا 14 كۈن ساقلىنىدىكەن. ھەمدە بۇ مەزگىلدە ۋاكسىنىنىڭ ئەۋرىشكىسى تۈركىيە دورىگەرلىك ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئورگىنىدا تەكشۈرۈلىدىكەن.
ئەگەر بۇ ۋاكسىنا تۈركىيە «جىددىي ئىشلىتىش ھوقۇقى» ئۆلچىمىگە توشۇپ قالسا ئاندىن ئۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىنىدىكەن.
2021-01-25
مەنبە: TRT خەۋەرلىرى / Mepa News