ھىندونېزىيە ئىران ۋە پاناما بايرىقى ئاستىدىكى ئىككى ماي پاراخوتىنىڭ خادىملىرىنىڭ قانۇنسىز يېقىلغۇ ئېلىپ يۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئىدارىسى (BAKAMLA) نىڭ كېلىشىم ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر مەسئۇلى ۋىسنۇ پراماندىتانىڭ ئېيتىشىچە، قانۇنسىز يېقىلغۇ ئېلىپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئىككى ماي پاراخوتىنىڭ پاراخوت خادىملىرىنىڭ 36 ئىرانلىق ۋە 25 نەپىرى خىتاي ئىكەنكەن.
پراماندىتا ماي پاراخوتىنىڭ ھۆججەتلىرىنىڭمۇ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، تەكشۈرۈش دائىرىسىدە ئىران بايرىقى ئاستىدىكى «MT Horse » ۋە پاناما بايرىقى ئاستىدىكى «MT Freya» ماي پاراخوتىنىڭ باتام رايونىغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى بايان قىلدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى Teuku Faizasyah دائىرىلەرنىڭ ماي توشۇش پاراخوتىغا قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
2021-01-25
مەنبە: TRT خەۋەرلىرى / Mepa News / AA