مەلۇم بولۇشىچە ، سۇدان ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمىدىن كېيىن ، بۇ دۆلەت بىلەن ئۆز-ئارا ئەلچىخانا ئاچىدىكەن.
مەنبەلەردە مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە ئاخبارات مىنىستىرى ئېلى كوخېن يېقىندا سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمغا يېتىپ كېلىپ ، مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئەلچىخانا ئېچىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، ئىسرائىلىيە بىلەن سۇدان ئەلچىخانىلارنى تېزدىن ئېچىۋېتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 23-ئۆكتەبىر سۇرداننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلە توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللاشقان سۇدان ئامېرىكا تەرىپىدىن «تېرورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلدى.
2021-01-27
مەنبە: Mepa News