ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزغا ئاۋىئاماتكا ئەۋەتتى

يېڭى پرېزىدېنت جو بايدىننىڭ بۇيرىقى بىلەن ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلان توشۇغۇچى ئاۋىئاماتكىسى جەنۇبىي دېڭىزغا دائىملىق ھەربىي مانېۋىرغا ئەۋەتتى ، بۇنىڭغا قارشى بېيجىڭنىڭ ئىنكاسى تېز بولدى.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسىغا جەنۇبىي دېڭىزدا دائىملىق مانېۋىر ئېلىپ بېرىشقا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇ تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ باياناتىدا ، «USS Theodore Roosevelt» ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ «دېڭىز ئەركىنلىكى» گە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۈچ ھەربىي پاراخوت بىلەن جەنۇبىي دېڭىزغا يېتىپ كەلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

2021-01-27

مەنبە: euronews

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Scroll to Top