مەنبە: Euronews | Mepa News | TRTHABAR
دۈشەنبە ، 2021-يىل 1-فېۋرال……
ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ روسىيەدە قويۇپ بېرىلىشىنى خالايدىغانلار تەشكىللىگەن نامايىشتا كەم دېگەندە 5000 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. ئاممىۋى تەشكىلات OVD-Info نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھەپتە ئاخىرىدىكى نامايىشتا 5300 ئادەم قولغا ئېلىنغان.
روسىيەدىكى مىڭلىغان كىشىلەر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي، تۈرمىدىكى روسىيەلىك رەقىبى ئالېكسېي ناۋالنىينى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن شەھەرلەردە ، بولۇپمۇ پايتەخت موسكۋادا نامايىش تەشكىللىدى.
بىخەتەرلىك خادىملىرى نامايىشنى قاتتىق باستۇردى
يەنە بىر تەرەپتىن ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يۇقىرى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل رۇسىيەدە تۈرمىگە تاشلانغان ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشتا مىڭلىغان كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا ئۈمۈدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بوررېل ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن رۇسىيەدە نامايىشچىلار ۋە ژۇرنالىستلارغا قارشى كۈچ ئىشلەتكەنلىكىدىن يەنە بىر قېتىم ئەپسۇسلاندىم» دېگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللاندى.