مەنبە: Mepa News | Amerika’nın Sesi
پەيشەنبە؛ 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 04-كۈنى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن مىنىستىرلىكنىڭ مەسلىھەتچىلەر يىغىنىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىنى تەكشۈركە ئالغان مىنىستىر ئوستىن، تىرامپ ھۆكۈمىتى تەرپىدىن ئاخىرقى كۈنلىرىدە مۇدىرىيەتكە تەيىنلەنگەنلەرنى مىنىستىرلىقتىن چىقىرىۋېتىشنى مەقسەت قىلىماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرىستوفىر مىللېر ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ، ئۇ مىنىستىرلىكنىڭ مۇداپىئە سىياسىتى ، سەھىيە ، ئىلىم-پەن ۋە سودا ھەيئىتىدىكى ئۇزۇن يىللىق ئەمەلدارلارنى ئىشتىن بوشاتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىنىغا پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سابىق قوللىغۇچىلىرى قويغان ئىدى. ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرى نيۇت گىڭرىچ ، پىنسىيەگە چىققان بىرىگادا كوماندىرى ئانتونىي تاتا ۋە ترامپنىڭ سايلام رىقابىتىنىڭ سابىق دېرىكتورى كورېي لېۋاندوۋىسكى قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق ترامپ قوللىغۇچىلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىننىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىستىپا بېرىدۇ.
سېكرېتار لويد ئوستىن سەيشەنبە كۈنى مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىگە «بارلىق مەسلىھەتچىلەر كومىتېتلىرىنىڭ پائالىيىتى باھالاش ئاخىرلاشقۇچە دەرھال توختىتىلىدۇ» دېدى. ئوستىن يەنە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تەيىنلىگەن بارلىق كومىتېت ئەزالىرىنىڭ 16-فېۋرالغىچە ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.