مەنبە: Euronews | Mepa News
يەكشەنبە ; 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 07-كۈنى ……
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېن خىتايدىكى مەنسەپدىشى ياڭ جيېچىغا «ئامېركا شىنجاڭ، شىزاڭ ۋە شياڭگاڭدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى داۋاملىق قوغدايدۇ» دېدى.
بىلكىنكېن ئىلگىرى «خىتاي شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بار دەپ قارايدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ، ئۇ يەنە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ بېرمىدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى رايوندىكى جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاياللارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغانلىق خەۋىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى «قاتتىق پاراكەندە قىلغان».
ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن خەلقئارا سىستېمىدا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بىللىنكېن، ئۇلارنىڭ «ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىش» ۋە «خەلقئارا سىستېمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش» ئۈچۈن خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ياڭ بىللىنكېنغا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى خاتالىقىنى «تۈزىتىشى» ۋە ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
مىنىستىر ياڭ 2-فېۋرال «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان ۋە ئىجابىي يولغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ ، شياڭگاڭ ۋە شىزاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى» تەكىتلىگەن.
دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ مۇناسىۋىتى دونالد ترامپ پرېزىدېنت بولغان مەزگىلدىكى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى. خىتاي ئەمەلدارلىرى جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىغا «ئېھتىياتچان ھەمدە ئۈمىدۋار» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن پەيشەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە قىلغان تاشقى سىياسىتى نۇتقىدا خىتاينى «بىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم رىقابەتچىمىز» دەپ تەسۋىرلىدى.