مەنبە: TRTHABAR | AA
دۈشەنبە; 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 08-كۈنى ……
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرىكى پرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلدا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «چېكىدىن ئاشقان رىقابەت بولىدۇ ، بىز ئۇلار بىلگەندەك قىلمايمىز».
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن CBS تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن توقۇنۇشنى ئاساس قىلمايدىغان مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ، ئەمما ئۇلارنىڭ تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بايدىن ئۆزىنىڭ خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىق دەۋرىدىن باشلاپلا تونۇغانلىقىنى ئىپادىلەپ ، «ئۇ ئىنتايىن ئەقىللىق ، ئىنتايىن جاپالىق ، ئەمما بەدىنىدە بىرمۇ كىچىك دېموكراتىك سۆڭەك يوق» دەپ باھا بەردى.
«چېكىدىن ئاشقان رىقابەت بولىدۇ».
ئۆزىنىڭ شىي بىلەن بولغان تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا مۇناسىۋەتتە توقۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن بايدېن مۇنداق دېدى: «قانداقلا بولمىسۇن ، چېكىدىن ئاشقان رىقابەت بولىدۇ ، بىز ئۇلار بىلگەندەك قىلمايمىز ، ».
تىرامپ ھۆكۈمىتىگە ئوخشىمايدىغىنى ، بايدېن مۇناسىۋەتتە «خەلقئارا قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ» دەپ باھا بەردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن 4-فېۋرال تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە قىلغان تاشقى سىياسەت نۇتقىدا خىتاينى «ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم رەقىبى» دەپ تەسۋىرلىدى.