مەنبە: Mepa News | DWTürkçe
يەكشەنبە، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى
ئاقساراينىڭ باياناتچىسى ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن گۈەنتانامونى تاقايدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. باياناتتا ، «بۇ ئەلۋەتتە بىزنىڭ نىشانىمىز » دېگەن سۆزدە ، دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بۇ مەسىلىنى تەكشۈرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئوباما سايلام رىقابىتى جەريانىدا گۈەنتانامو لاگېرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ، ئەمما ئۇ ئەينى ۋاقىتتا پارلامېنتنىڭ يېتەرلىك قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەچكە، بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. ئوبامانىڭ ۋارىسى دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ سايلام پائالىيىتىدە تۈرمە لاگېرىنىڭ ئوچۇق ھالەتتە تۇرىدىغانلىقىنى ۋە «باندىتلار بىلەن تولغان» لىقىنى بايان قىلدى.
كۇباغا جايلاشقان گۈەنتانامو لاگېرى 2001-يىلى 11-سېنتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ئافغانىستاندا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج دابلىيۇ بۇشنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قۇرۇلغان. 2002-يىلى 1-ئايدا تۇنجى مەھبۇسلار ئېلىپ كېلىنگەندە مەھبۇسلار قەپەستە ساقلانغان بولسا ، كېيىن بۇ ئەسلىھە يۇقىرى بىخەتەرلىك تۈرمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.
بۇش ۋە ئوباما دەۋرىدە يۈزلەرچە كىشى گۈەنتانامو لاگېرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى ، بۇ يەردە بۈگۈنگە قەدەر 780 ئادەم تۈرمىدە قالدى. ھازىر لاگېردا تەخمىنەن 40 مەھبۇس بار ، 2008-يىلى ئوباما پرېزىدېنت بولغاندىن بۇيان يېڭى مەھبۇسلار ئېلىپ كېلىنمىگەن.