مەنبە: TRTHABAR | AA
يەكشەنبە، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ……
ئىران بىلەن روسىيەنىڭ ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئىران ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ماسلاشتۇرۇش مۇئاۋىن باشلىقى ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سابىق قوماندانى ئارقا سەپ ئادمىرال ھەبىبۇللا سەييارى روسىيە بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مانېۋىرنىڭ ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىدىكى بىخەتەرلىكنى مەڭگۈلۈك قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «روسىيەنىڭ كۈچلۈك دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ئىران ئارمىيىسى بىلەن ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مانېۋىر ئېنىق ئۇچۇر بېرىدۇ. دۆلىتىمىز ئىنقىلابتىن بۇيانقى نۇرغۇن تەھدىتلەر ۋە دۈشمەنلىرگە دۇچ كەلدى. بىز بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىمىز». دېدى.
مانېۋىرنىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن
ئىران ، روسىيە ۋە خىتاي 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە شىمالىي ھىندى ئوكيان ۋە پارس قولتۇقىدىكى ھورمۇز بوغۇزىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى.