مەنبە: euronews
سەيشەنبە، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ……
كانادا خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەرگە قارىتا «چەتئەللىكلەرنى قالايمىقان قولغا ئېلىپ بۇ ئەھۋالنى دىپلوماتىك سودىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىشلىتىشىنى توسۇش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارك گارناۋ بۇنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەت» دەپ تەسۋىرلىدى. ھازىرغىچە كانادانىڭ بۇ پىكرىگە 58 دۆلەت ئىمزا قويدى.
ئۇندىن باشقا ، ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بۇ قىلمىشنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مىنىستىر گارناۋ رېيتېر ئاگېنتلىقىغا: «كىشىلەرنى ئائىلىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، دېپلوماتىك سودىلىشىشتا پىشكا ئورنىدا ئىشلىتىش قانۇنسىزلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق» دېگەن ئىپادىنى ئىشلىتىپ، دۆلىتى رەھبەرلىك قىلغان تەشەببۇسنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ تەشەببۇسقا قاتناشقان دۆلەتلەر ياپونىيە ، ئەنگلىيە ، ئاۋسترالىيە ۋە 27 ئەزا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن ، كانادالىق بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ تەشەببۇس خىتاي ، ئىران ، روسىيە ۋە چاۋشيەننىڭ چەتئەللىكلەرنى تۇتۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا چىققان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كانادا رەھبەرلىكىدىكى خىتابنامىگە ئىمزا قويۇش ۋە رەسمىي ئېلان قىلىنىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، خىتاي دۆلەت قوللايدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نامسىز مۇتەخەسسىسلەرنى ئاساس قىلغان بۇ ھەرىكەت توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى ، بۇ « خىتايغا قارشى باشقىلارنى قوزغاش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بىر ھۇجۇمدۇر »دەپ تەسۋىرلىدى.
ئوتتاۋا ئامېرىكىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى بىلەن خۇاۋېينىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى قولغا ئالدى ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، خىتاي ئىككى كانادا پۇقراسىنى قولغا ئالدى.
كانادا بېيجىڭنىڭ ئىككى پۇقرانى «تۇتقۇن دىپلوماتىيىسى» دەپ ئاتىشىنى ئەيىبلىدى ، خىتاي بولسا بۇ ئىككى دېلونىڭ مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كانادا: خىتاي 13 پۇقرانى قولغا ئالدى
خىتابنامىگە ئىمزا قويغانلار ئىچىدە ئامېرىكامۇ بار. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئالدىنقى ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ ، كانادا پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە خىتاينىڭ مەجبۇرلاش دىپلوماتىيىسىنى سىياسىي قورال سۈپىتىدە ئىشلەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
كانادالىق بىر ئەمەلدار ئىمزا قويغان باياناتنىڭ بېيجىڭغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېدى: « نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ ئەمەلىيەتنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ (خىتاينىڭ) پوزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
ئۆتكەن يىلى ، ئەنگىلىيە پارلامېنتى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى ھۆكۈمەتنى ئىراننىڭ «چەتئەللىكلەرنى خالىغانچە قولغا ئېلىش» نى «گۆرۈگە ئېلىۋېلىش» دەپ ئېلان قىلىشقا چاقىردى.
ئىراندىن كەلگەن ئەنگىلىيە پۇقراسى نازىنىن زاگارى-راتكلىف 2016-يىلى ئىراندا تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
كانادا مىنىستىرى: «ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى بۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاۋازى جىمىقتۇرۇلمايدۇ» دېدى.