مەنبە : trthaber / aa
سەيشەنبە، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ……
ئىران ۋە روسىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئەرەب دېڭىزى ۋە ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى. ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «دېڭىز بىخەتەرلىك بەلبېغى» ناملىق مانېۋىر 2 كۈن داۋاملىشىدىكەن.
مانېۋىرنىڭ باياناتچىسى ئارقا سەپتىكى ئادمىرال غولام رىزا تاھانى مۇنداق دېدى: «دېڭىز-ئوكيان بىخەتەرلىكىنى قوغداش كوللېكتىپ ھەمكارلىقى» شوئارى بىلەن باشلانغان مانېۋىرنىڭ ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىدىكى ۋە 17 مىڭ كىلومىتىر كەڭلىكتىكى كەڭ رايوننى قاپلىدى.
مانېۋىرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خەلقئارا دېڭىز سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ، دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ، دېڭىزدىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش رايونلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەش ۋە تاكتىكىلىق ھەرىكەتتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تېھانى مۇنداق دېدى: «بۇ مانېۋىردا ئىران ئارمىيىسى ۋە ئىنقىلابى قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى قىسىملىرى ، شۇنداقلا روسىيەدىن قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە ئارقا سەپ تەمىنات پاراخوتى ۋە تىك ئۇچار قاتنىشىۋاتىدۇ».
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مانېۋىر 2019-يىلى 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مانېۋىر 2019-يىلى 12-ئايدا ئىران ، روسىيە ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئوخشاش رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن.