مەنبە : trthaber
چارشەنبە؛ 2021-يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى……
دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىليون 429 مىڭ 825 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 110 مىليون 35 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 84 مىليون 865 مىڭدىن ئاشتى.
تۈركىيەدە يېقىنقى بىر كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 105 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، جەمئىي سان 499 مىڭ 991 گە يەتكەن ئامېرىكادا، ئوخشاش ۋاقىتتا، 40 مىڭ 400 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 28 مىليون 381 مىڭ 220 گە يەتتى.
نىيۇ يورك ۋالىيسى ئاندرىجۇ كۇمو (Andrew Cuomo) ساناتورىيەرلەدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەرنىڭ يوشۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خاتا قىلغالىقلىرىنى ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
نىيۇ يورك باش تەپتىش ئىدارىسى 28-يانۋار (2021) ئېلان قىلغان 76 بەتلىك دوكلاتتا، ئىشتاتنىڭ سەھىيە ئورگىنى ساناتورىيەلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەرنى %50 گە يېتىدىغان نىسبەتتە ئاز كۆرسىتىش بىلەن تەنقىدلىگەن ئىدى.
سەھىيە ئورگانلىرى ساناتورىيەلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانىنى 8 مىڭ 500 ئەتراپىدا دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ساننىڭ 15 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
مېكسىكاغا ئامېرىكا دورا شىركىتى فايزېر (Pfizer) ياسىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىدىن 491 مىڭ 400 شىشە يەتكۈزۈلدى.
مېكسىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئامېرىكا فايزېر شىركىتىدىن 34.4 مىليون شىشە، ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ دورا شىركىتى بىلەن ئاسترازېنېكا (AstraZeneca) شىركىتى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋاكسىنادىن 77.4 مىليون شىشە، دۇنيا ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرىغا ئېرىشىش پىروگراممىسى (COVAX) دىن 51.5 مىليون شىشە ۋاكسىنا سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.
ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 799 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 10 مىڭ 625 كىشى يۇقۇملاندى. ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 118 مىڭ 195 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 4 مىليون 58 مىڭ 468 گە چىقتى.
ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 336 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 94 مىڭ 171 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 10 مىڭ 386 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 2 مىليون 739 مىڭ 591 گە چىقتى.
فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 410 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 82 مىڭ 812 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 19 مىڭ 590 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 3 مىليون 489 مىڭ 129 غا چىقتى.
ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 530 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 65 مىڭ 979 غا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 10 مىڭ 57 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 96 مىڭ 343 كە چىقتى.
ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە 109 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 11 مىڭ 795 كىشى يۇقۇملاندى. ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 155 مىڭ 949 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىليون 937 مىڭ 320 گە چىقتى.
ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 777 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 148 مىڭ 296 كىشى يۇقۇملانغان نىگېرىيەدە، ھۆكۈمەت ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا ئاسترزېنېكا شىركىتىدىن يەنە 1.4 مىليون شىشە ۋاكسىنا سېتىۋالدى. دەسلەپتە بۇ ۋاكسىنالارنىڭ 500 مىڭى فېۋرالنىڭ ئاخىرىغىچە نىگېرىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ.
ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 7 مىڭ 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 417 مىڭ 765 تىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملانغان ياپونىيەدە، سەھىيە خادىملىرىغا ۋاكسىنا ئەملەش باشلاندى. كېلەر ھەپتىگىچە 40 مىڭ سەھىيە خادىمىغا بىرىنچى قېتىملىق ئەملەشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 13 مىڭ 192 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 649 مىڭ 982 كىشى يۇقۇملانغان ئىراقتا، نەجەف ۋالىيسى لۇۋەي ئەلياسىرى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا، باشقا شەھەرلەرگە قارىتا چېگرانى تۆت كۈن تاقاشنى قارار قىلدى.
يېقىنقى 24 سائەتتە بىرازىلىيەدە 1 مىڭ 167، مېكسىكادا 1 مىڭ 329، ئارگېنتىنادا 106، كولومبىيەدە 163، پېرۇدا 176، چىلىدا 20، بولىۋىيەدە 40 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
بۇنىڭ بىلەن، يۇقىرىدىكى دۆلەتلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېندىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى تۆۋەندىكىچە:
بىرازىلىيە 240 مىڭ 983، مېكسىكا 175 مىڭ 986، ئارگېنتىنا 50 مىڭ 432، كولومبىيە 57 مىڭ 949، پېرۇ 44 مىڭ 56، چىلى 19 مىڭ 644، بولىۋىيە 11 مىڭ 274.