مەنبە : Mepa News
چارشەنبە؛ 2021-يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى….
ئىگىلىنىشچە ، روسىيە سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم T-4 بازىسىدىن چېكىنىپ چىققان.
يەرلىك مەنبەلەرگە قارىغاندا ، روسىيە قىسىملىرى ھومۇسدىكى تايفۇر بازىسى ۋە T-4 بازىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان تىياس ھەربىي ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەن.
ئىگىلىنىشچە ، بۇ بازا تۈنۈگۈندىن باشلاپ روسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي تارقاقلاشتۇرۇلغان ، پەقەت بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىران ئەسكەرلىرىلا قالغان. شۇنداق قىلىپ ، بازىنى كونترول قىلىش ئىران ئىنقىلابى قوغدىنىش ئارمىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسىملارغا يۆتكەلدى.
رايون مەنبەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، روسىيە ئىران ئارمىيىسىدىن بازىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ، بۇ تەلەپ قاندۇرۇلمىغاندا ، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش ۋە قولغا ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىيلىك يۈز بەرگەن.
روسىيەنىڭ چېكىنىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئارمىيىسىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھەرىكىتى سەۋەبىدىن بولغان.
سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئەڭ مۇھىم مەركەزلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئىلگىرى ئىككى قېتىم ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئىسرائىلىيەنىڭ 2018-يىلى 10-فېۋرال ۋە 2018-يىلى 9-ئاپرېلدىكى ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇلاردىن باشقا ، بازىنى نىشان قىلغان نۇرغۇن ئوخشىمىغان ھۇجۇملارمۇ ئېلىپ بېرىلدى.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇ ۋە بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تۈنۈگۈن رۇسىيە بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.
ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ، رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى پەرقى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ بۇ دۆلەتتىكى مەۋجۇتلۇقىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋېتىشىدىن ئۈمىد بار.