مەنبە: BBC Türkçe / Mepa News
دۈشەنبە، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
ھىندىستان بىلەن خىتاي ھىمالايا تېغىدىكى چېگرادىن تالاش-تارتىش بولغان كۆلدىن ئەسكەرلىرنى پۈتۈنلەي چېكىندۈردى.
ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، چېكىنىشنىڭ شەنبە كۈنى تاماملانغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ماجىراسى سەۋەبىدىن، 2020-يىلى 6-ئايدىكى توقۇنۇشتا 24 ئەسكەر ئۆلگەن.
ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرادىكى باشقا توقۇنۇش رايونلىرىدىكى جىددىيلىكنى ئازايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چېگرا تالاش-تارتىشى سەۋەبىدىن ھىندىستان بىلەن خىتاي 1962-يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش يۈز بەرگەن.
ئىككى دۆلەتنىڭ چېگراسى 3440 كىلومېتىر بولۇپ، كۆل ، دەريا ۋە مۇزلۇقلار بىلەن تولغان جۇغراپىيىلىك قۇرۇلمىسى مۇرەسسە قىلىنمىغان چېگرانى كونترول قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەسكەرلىرى دائىم قارشىلىشىدىغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ توقۇنۇشلاردا قورال ياكى پارتىلاتقۇچ دورا ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا كېلىشىم بار.
ھىندىستان 2020-يىلى 6-ئايدا ئاز دېگەندە 20 ھىندىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان توقۇنۇشتا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ تاش ۋە كالتەك بىلەن تاياق ئىشلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ توقۇنۇشتىن كېيىن ، خىتاي ئەسكەرلىرىنى زاڭزۇ ئېگىزلىكىدە مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن 20 مۇشتلاش ماھارەت يېتەكچىسى ئەۋەتكەن.