خىتايدىن تۈركىيەگە «شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز»

مەنبە: Mepa News

پەيشەنبە، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ……

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 23-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

سوئاللارنىڭ بىرى تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

روسىيە RIA Novosti نىڭ مۇخبىرى ۋېنبىندىن غەرب دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيە مەسىلىسىدىكى باياناتىغا بولغان كۆز قاراشلىرى سورالدى.

ۋېنبىن تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يوقلىقىنى ۋە بۇ رايونغا «شىنجاڭدا ياشايدىغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان» دېگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللاندى.

ۋېنبىن مۇنداق دېدى:

«شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى. بىز تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن بىللە قاراشنى ئۈمىد قىلىمىز».

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Scroll to Top