مەنبە: Mepa News / Euronews
يەكشەنبە، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ……
ھەربىينىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان يىراق شەرق دۆلىتى بېرمىدا تەخمىنەن 3 ھەپتە داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشتا ، بىر ئايال بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرلگەن ۋە 10 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنغان .
بۇ تەرەققىيات بىلەن ، دۆلەتتە داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشتا قازا قىلغان پۇقرالارنىڭ سانى 7 گە ، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى.
بۇ دۆلەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقان 3 رادىئو تارقاتقۇچى بۇ ئايالنىڭ مونۋىيا شەھىرىدە ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن بولسا، دەسلەپكى قۇتقۇزۇش ئەترىتى بۇ كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا ياتقانلىقىنى ۋە ياشىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بېرما ئارمىيىسى بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.
دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ياڭگوندا ، بىخەتەرلىك قىسىملىرى بەزى يول ۋە كوچىلارنى تاقىۋەتكەنلىكتىن ، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. بىخەتەرلىك قىسىملىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ، سۇلياۋ ۋە ھەقىقىي ئوق ئىشلەتكەن بولسا ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر ۋەقەدە بىر قىسىم ژۇرنالىستلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرسەتتى.
بۇ نامايىش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن جەرياننى توختىتىش ئۈچۈن ب د ت ئەمەلدارلىرىدىن «بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ» ياردەم تەلەپ قىلغاندىن كېيىن يۈز بەردى.
سۇ چىنىڭ ئىز-دېرىكى ئېنىق ئەمەس
تەخمىنەن بىر ئاي ئىلگىرى بېرمىدا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ، دۆلەتنىڭ رەھبىرى ئاڭسان سۇ چى ۋە پرېزىدېنت ۋىن مىينت قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىئونلار قولغا ئېلىنغان. غەربتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ ۋەقەنى ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۇلار بۇ دۆلەتتىكى ئارمىيە ئەزالىرىغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە ، بېرمىنىڭ تەختتىن چۈشكەن رەھبىرى ئاڭ سان سۇ چى ئۆي نەزەربەند قىلىنغان ، ئەمما ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى تېخى ئېنىق ئەمەس.