مەنبە: yenisafak
سەيشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ….
ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جوناتان شېرېر ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ئىسرائىلىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى يۇۋال ستېينىتز بىلەن تارتقان سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىدى. بوزكادا ۋە گوكسېدا ئاراللىرىنى تۈركىيەگە ئەمەس ، گرېتسىيەگە تەۋە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى گرېتسىيە تۈركىيە بىلەن بولغان كرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا جىددىچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ھەركەت قوللانماقتا. فرانسىيە ، مىسىر ، ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق ھەربىي ھەمكارلىق ۋە مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتقان گرېتسىيە ئىقتىسادىدا زور كرىزىسقا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا ئەسكىرى چىقىمنى ئاشۇرماقتا.
ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۆزىنىڭ رەسمىي Twitter ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن سۈرەتتىكى خەرىتە تەپسىلاتلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەسىر پەيدا قىلدى. بۇ خەرىتە گرېتسىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كەڭ خەۋەر قىلىنغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەندى
تۈركىيە ئېلىپ بارغاق «كۆك يۇرت» نامىدىكى مانېۋرلار نى يېقىندىن كۈزۈتۈپ كەلگەن گىرىتسىيە رايۇنغا ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئەۋەتكەن بولۇپ ئىسرائىلىيە تارقاتقان سۈرەت بولسا جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋەتتى. ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جوناتان شېرېر ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى يۇۋال ستېينىتز بىلەن تارتقان سۈرىتىنى تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىدى.
گرېتسىيە تاراتقۇلىرى: «تۈركلەر ھەيران قالدى».
گرېتسىيە خەۋەر تور بېتى Pentapostagma دىكى ماقالىدە: «ئىسرائىلىيە خەرىتىسى: بوزكادا ۋە گۆكچەدا ئاراللىرى گرېتسىيەگە تەۋە!». ماۋزۇ ئىشلىتىلگەن. خەۋەرنىڭ داۋامىدا ، «خەرىتە جۇغراپىيىلىك سىياسىي«شاھمات تاختىسى »دەپ باھالاندى ، يۇقىرى-تۆۋەن يۆنىلىشتە ئۆزگىرىشلەر بولدى ۋە« بوزكادادا ۋە گۆكچېدائاراللىرى گرېتسىيە رەڭلىرى بىلەن قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا تۈركلەر ھەيران قالدى! » دەپ ئېلان قىلىنغان.