Home خەلقئارا خەۋەرلەرئامېرىكائامېرىكا گېرمانىيەگە 1 مىليارد 770 مىليون دوللارلىق قورال ساتتى

ئامېرىكا گېرمانىيەگە 1 مىليارد 770 مىليون دوللارلىق قورال ساتتى

by تەكلىماكان

مەنبە :  Mepa News /  trthaber /  aa 

شەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ….

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن باياناتىدا «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقدىشى گېرمانىيەگە بۇ قورال سېتىش ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىم» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، 5 دانە بوئىن P-8A پوسېدون سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ۋە يەر يۈزىگە قارشى ئۇرۇش ئايروپىلانى، 9 كۆپ ئىقتىدارلىق ئاخبارات تارقىتىش سىستېمىسى بىرلەشمە تاكتىكىلىق رادىئو سىستېمىسى، 12 LN-251 يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك سىستېمىلارنىڭ سېتىلىشى تەستىقلاندى.

باياناتتا يەنە بۇ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ بوئىن ئىكەنلىكى ، ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 1 مىليارد 770 مىليون دوللار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

Related Articles

Leave a Comment