مەنبە : TRT Haber
يەكشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
ب د ت يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئەكس ئەتتى. ب د ت نىڭ ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش پروگراممىسىدا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك بىلەن ئىپادىلەندى.
ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى لىندا گرىنفىلىد خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بېسىمىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى دەي بىڭ گىرىنفېلدنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى. ئۇ ئامېرىكىنى ئىرقچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىڭىزدىكى ئافرىقا ۋە ئاسىيالىق كىشىلەرنى كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىك قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ».
ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئالياسكادىكى ئۇچرىشىشىمۇ بىر قەدەر جىددىي بولدى. ئۆز-ئارا ئەيىبلەش يىغىنغا بەلگە قويدى ، سوغۇق شامال چىقىۋاتاتتى.