خىتايغا تەۋە پاراخوتلار ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىدى

مەنبە :  trthaber /  AA

دۈشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى

خىتاي پاراخوتلىرى ئىككى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى.

دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناخا رايونىدىكى 11-رايون دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، خىتاي پاراخوتلىرى دۆلەت زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلغان.

بۇ پاراخوتلار شۇ يەر ۋاقتى 04:00 ئەتراپىدا تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ، مىنامى-كوجىما ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا 20 كىلومىتىر كېلىدىغان جايغا يېقىنلاشتى.

ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى خىتاي پاراخوتلىرىنى بۇ رايوندىن ئايرىلىشقا ئاگاھلاندۇردى.

NHK ئاممىۋى رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، خىتاينىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى بۇ يىل ھازىرغىچە سېنكاكۇ ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە 11 قېتىم كىرگەن.

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Scroll to Top