مەنبە : Mepa News
سەيشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى
بېرمادىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشقا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 510 گە يەتتى.
بېرمىدا سىياسى قولغا ئېلىنغانلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتى (AAPP) ئېلان قىلغان كۈندىلىك دوكلاتتا ، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يەنە 51 كىشىنىڭ ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ كەم دېگەندە 510 ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
دوكلاتتا بۇ دۆلەتتە 2 مىڭ 574 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە 120 ئادەمنى تۇتۇپ تۇرۇش بۇيرۇقىنىڭ بارلىقى خاتىرىلەنگەن.
بېرما ئارمىيىسى 2020-يىلى 8-نويابىردىكى سايلامدا ئالدامچىلىق ۋە بۇ دۆلەتتىكى سىياسىي جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن ، 1-فېۋرال ھۆكۈمەتنى ئىگىلىدى.
بېرمىدا زور تۈركۈمدىكى كىشىلەر 6-فېۋرال سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشنى باشلىدى.