مەنبە : Mepa News / Euronews
چارشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت قىلدى.
بىللىنكېن خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەسۋىرلىدى.
بىللىنكېن مىنىستىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆز دۆلىتىنىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلدى.
«2020-يىلى بەك كۆپ كىشىلەر جاپالىق شارائىتتا ئازابلاندى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار خىتاي تەرەپتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچۇرىدى» دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق قەدىمىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.
دوكلاتنىڭ خىتاي قىسمىدا ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەسۋىرلەنسە ، رايوندىكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش كەڭ دائىرىدە خەۋەر قىلىندى.