مەنبە : Mepa News
دۈشەنبە، 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى
2017-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن.
ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ قورغىنىنىڭ بىرى بولغان ئىدلىب ۋىلايىتى خان شەيخۇن بازىرىدا ياشايدىغان پۇقرالار روسىيە ۋە ئىران قوللىغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
خان شەيخۇن قىرغىنچىلىقى
بۇ قىرغىنچىلىق ئەتىگەن سائەت 06.40 ئەتراپىدا ، پۇقرالار ئەمدىلا ئۆيلىرىدىن ئايرىلغاندا باشلانغان.
روسىيە ۋە ئىران قوللىغان ھاكىمىيەت كۈچلىرى بۇ شەھەرنى خىمىيىلىك بومبا بىلەن بومباردىمان قىلدى.
ۋەقەدە يارىلانغان پۇقرالارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا بارغان خەلق مۇداپىئە ئەترىتىمۇ خىمىيىلىك گازنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، رايوندىن ھەمبەھىرلەنگەن سۈرەتلەردە كۆپىنچىسى بالىلار بولغان ئون نەچچە پۇقرانىڭ ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە قالغان پەيتلىرى نامايان بولدى. پۇقرالارنىڭ جەسىتىدە خىمىيىلىك بومبا ھۇجۇمنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى.
سارىن گازى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى بايان قىلىنغان ھۇجۇمدا 100 دىن ئارتۇق پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى ، يۈزلەرچە كىشى يارىلاندى.
رۇسىيە ، ئىران ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئېلىپ بارغان خىمىيىلىك قىرغىنچىلىق پەقەت 2011-يىلى باشلانغان سۈرىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھاكىمىيەت كۈچلىرى سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىرى دەپ خاتىرىلەندى.