مەنبە: Mepa News / Kırım Haber Ajansı
2021-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، سەيشەنبە
ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى ئاقسارايدا قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ھەربىي ھەركىتىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى : «بىز بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلىمىز. ھەپتە ئاخىرىدا روسىيە قىسىملىرىنىڭ رايوندىكى تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق » دېگەن ئىپادىلەرنى قوللاندى.
بىز ئۇكرائىنا بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز
يەنە بىر تەرەپتىن ، پساكى بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېن ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىننىڭ بۇ ھەپتە بىريۇسسېلغا قىلغان زىيارىتى دائىرىسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز يەنە نۇرغۇن قاتلامدىكى ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز»
روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ
پساكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېننىڭ روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋال نۇرغۇن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېيىنچە تەپسىلاتلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىمىز ».