مەنبە: Mepa News
2021-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى شەنبە
ئامېرىكىنىڭ تالىبانلار بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئافغانىستاندىن ئايرىلىش ۋاقتى يېقىنلاپ قالدى.
2020-يىلى 29-فېۋرالدا قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئىمزالانغان كېلىشىم بويىچە ئامېرىكا 2021-يىلى مايغىچە ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
ئامېرىكىنىڭ چېكىنىشىگە بۈگۈندىن باشلاپ 15 كۈن قالدى. رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ 2500 ئەسكىرى ، باشقا چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندا 792 ئەسكىرى بار. ئافغانىستاندىكى چەتئەل كۈچلىرىنىڭ دىپلوماتىك بولمىغان ئىنسانلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. 15 كۈن ئىچىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسلىھەلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالماقتا.
ئامېرىكا: سېنتەبىردە چېكىنىمىز
ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى پرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئافغانىستاندىن چېكىنىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاپ ، دوھا كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.
جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 20-يانۋار رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بولۇپ ، چېكىنىش مۇساپىسىنىڭ مايدا باشلىنىدىغانلىقى ۋە 2021-يىلى 11-سېنتەبىرگىچە تاماملىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
شۇنداق قىلىپ ، ئامېرىكا دوھا كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن چېكىنىش ۋاقتىنى تەخمىنەن 4.5 ئاي ئۇزارتتى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) نىڭمۇ ئامېرىكىغا ئافغانىستاندىن چېكىنمەسلىككە بېسىم قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
تالىبان: ئامېرىكا دوھا كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى
يەنە بىر تەرەپتىن ، تالىبانلار ئامېرىكىنىڭ 5-ئايدا ئافغانىستاندىن ئايرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەڭ يېڭى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ مايدا ئافغانىستاندىن ئايرىلمىسا دوھا كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى. ئۇنىڭدىن سىرت«ئامېرىكا ۋە باشقا چەتئەل كۈچلىرى ئۇرۇشنى ئۇزارتىشقا باھانە ئىزدەۋاتىدۇ » دەپ ئەيىبلەندى.
تالىبانلار ئەگەر ئامېرىكا چېكىنمىسە، بۇ دۆلەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇرۇش باشلايدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىد سالدى.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، تالىبانلارنىڭ شەھەر مەركىزى ۋە ئىستراتېگىيىلىك بازىلارنى نىشان قىلىدىغان «ھۇجۇم» غا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى شەرھلەندى.
دوھا كېلىشىمى ۋە ئامېرىكىنىڭ چېكىنىش جەريانى
ئامېرىكا بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى دۆلەتتىن چېكىندۈرۈشكە باشلىدى.
2020-يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى 8600 ئەتراپىدا ئازايتتى.
7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ، ئامېرىكا ھىلمېند ، ئۇرۇزگان ، پاكتىكا ۋە لامان قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى جەمئىي 5 چوڭ ھەربىي بازىنى تاقىدى.
1-ئاينىڭ 15-كۈنى ، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى 2500 گە قىسقارتتى.
كېلىشىم ئىمزالانغان ۋاقىتتا ، ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتتە تەخمىنەن 13 مىڭ ئەسكىرى بار ئىدى.
كېلىشىمدىكى بەلگىلىمە
ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمدە ، ئامېرىكا 14 ئاي ئىچىدە بۇ دۆلەتتىن چېكىنىشكە ۋەدە بەردى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، ئامېرىكا 2021-يىلى مايغىچە دۆلەتتىن چېكىنىشى كېرەك