مەنبە: İstanbul/Şarku’l Avsat
2021-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، يەكشەنبە،
خىتاينىڭ بېسىمى، زۇلمى سەۋەبىدىن ۋەتىنىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ۋەتەندە قالغان بالىلىرى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۈچ ئۇيغۇر خىتاي تەرىپىدىن «تېرورچىلار» ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.
ئالدىنقى ئايدا ، CNN تېلېۋىزىيىسى خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان بېسىمى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلغان ۋە بالىلىرى قېلىپ قالغان مامۇتجان ۋە ئابلىكىم قاتارلىق ئىككى ئائىلىنىڭ ھېكايىسىنى تارقاتتى.
بېيجىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇق» بىلەن ئەيىبلەنگەن
ئالدىنقى ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولغان CNN ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب ئالالمىغان. خىتاي 4-ئاينىڭ 2-كۈنى CNN غا يوللىغان بىر بەتلىك باياناتىدا ، بالىلىرى بىلەن جەم تەلەپ قىلغان ئۈچ ئۇيغۇرنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ۋە بالىلىرىنى تاشلىۋېتىش بىلەن ئەيىبلىدى.
خىتاينىڭ ئىككى ئائىلىنى قارىلاپ چىقارغان باياناتقا قارىغاندا ، مامۇتجاننىڭ ئايالىغا «مىللىي ئۆچمەنلىك كۈشكۈرتكەن» دەپ 9 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئابلىكىم مەمەت بىلەن مىھرىبان قادىرنىڭمۇ «زوراۋان تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
CNN نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تېرورلۇق جىنايىتى بىلەن ھېچقانداق پاكىت تەمىنلىمىگەن. ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلدى.
«بىز بالىلىرىمىزنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايمىز ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىشىگە يول قويمىدى» دېدى بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال.
ئامېرىكا ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەسۋىرلىگەن. 2017-يىلدىن باشلاپ ، ئىككى مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەلقئارا بېسىمغا دۇچ كەلگەن خىتاي بۇ ئەيىبلەشلەرنى يۈزسىزلەرچە رەت قىلدى.