مەنبە: Mepa News
2021-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، يەكشەنبە،
مىسىردا ئابدۇلفېتتاھ سىسىنىڭ ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 17 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «بىز قۇتقۇزۇۋاتىمىز» ئېلان قىلغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ باياناتىغا قارىغاندا ، 2013-يىلى كىرداس ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىنىپ 17 ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ خېلى ياشانغان كىشىلەر ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
2013-يىلى يۈزلىگەن نامايىشچىلار سىسىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ رابىيە مەيدانىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.
سىسى ھاكىمىيىتى مەيداندىن چىقىرىۋېتىلگەن بىر قىسىم نامايىشچىلارنىڭ كىرداسېدىكى ساقچىخانىغا بېسىپ كىرىپ 17 ساقچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2014-يىلى بۇ تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان سوتتا ، 184 جاۋابكارنىڭ 183 ى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ، جاۋابكارلار ئىچىدىكى بىر بالا 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
باشقا ئۈچ مەھبۇسمۇ 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىجرا قىلىنغان.