پۇتىن تاجىكىستان بىلەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېما كېلىشىمى ئىمزالاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى

  مەنبە: Sputnik

 2021-يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، سەيشەنبە،

روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن تاجىكىستان بىلەن بىرلىككە كەلگەن رايونلۇق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا بۇيرۇدى.

روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تارقاتقان يوليورۇقنىڭ رەسمىي ئۇچۇر تور بېتىدە ھەمبەھىرلەنگەن تېكىستتە «روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ روسىيە بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا بىرلىككە كەلگەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى رايون قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش قارار قىلىندى».

پۇتىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تاجىكىستان بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش ۋە كېلىشىم ئىمزالاشنى بۇيرۇدى.

روسىيە رەھبىرى ئىلگىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان كېلىشىم لايىھىسىگە «تۈپتىن بولمىغان ئۆزگەرتىش» ئېلىپ بېرىشقا يول قويدى.

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Scroll to Top