مەنبە: yenisafak
2021-يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۈشەنبە،
ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» (WSJ) گېزىتى ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىن تارقىلىشى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلاشتى. دوكلاتقا قارىغاندا، ۋىرۇس تارقىلىشتىن سەل بۇرۇن، خىتايدىكى ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەيدىغان 3 تەتقىقاتچى ۋىرۇسنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن دوختۇرخانىغا كىرگەن.
ئامېرىكا WSJ گېزىتىنىڭ ئامېرىكا ئاخبارات دوكلاتىنى ئاساس قىلغان ئالاھىدە خەۋىرى تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانا بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ باردى.
تەتقىقاتچىلار دوختۇرخانىغا كىرگەن
دوكلاتتا ، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىغا قارىغاندا ، 2019-يىلى نويابىردا ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەيدىغان 3 تەتقىقاتچىنىڭ ۋىرۇس ۋە پەسىل خاراكتېرلىك زۇكام ئالامەتلىرىگە ئوخشاش ئەرز-شىكايەتلەر بىلەن كېسەل بولۇپ ، دوختۇرخانىغا ئىلتىماس قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دونالد ترامپ ئىزچىل خىتاينى ئەيىبلىدى
گېزىت بىلەن سۆھبەتلەشكەن ۋە ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قىسىم ئەمەلدارلار بايان قىلىنغان ئاخباراتنىڭ يەنىلا قوللاشقا تېگىشلىك ئىشەنچلىك سەۋىيىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنە بەزىلەر بۇ دوكلاتنى بۇ تېمىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئاخباراتنىڭ بىرى دەپ قارىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بېيجىڭنى كۆپ قېتىم ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئەيىبلىدى، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا ئاخبارات دوكلاتىدا تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكى رەسمىي ئوتتۇرغا قۇيۇلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشنى قەتئىي رەت قىلىش بىلەن بىرگە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزلىرىنىڭ ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.