مەنبە: iuyghur / REUTERS
2021-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، سەيشەنبە
30- چىسلا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن 715 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوت پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ پىلاننىڭ خىتاينى چەكلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. جۈمە كۈنى دۆلەت مەجلىسىگە تاپشۇرۇلغان 2022- مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى تەلىپى ھەربىي تەييارلىق، ئالەم بوشلۇقى ۋە شۇنداقلا تىنچ ئوكيان تەھدىتى چاقىرىقى (Pacific Deterrence Initiative) قاتارلىقلارغا سالىدىغان مەبلەغلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ چاقىرىق خىتاينىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي كۈچى ۋە يادرو قوراللىرى تېخنىكىسىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
خامچوت تەلىپى ھەربىي پاراخوت ۋە رېئاكتىۋ ئايروپىلان سېتىۋىلىش، ئاسراش ۋە مۇئاش قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكى ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان 38 مىليارد دوللارلىق خىراجەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئومۇمىي سوممىسى 753 مىليارد دوللارغا يېتىپ بېرىپ، 2021- يىلىدىكىدىن %1.7 ئاشقان. خامچوت يەنە ھەربىي تەرەپ رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى تۇرۇش كۈچى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاۋاز سۈرئىتىدىن كۆپ يۇقىرى بولغان قوراللارنى ۋە باشقا «كېيىنكى ئەۋلاد» سىستېمىلارنى تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېچىش ۋە سىناشقا كېتىدىغان مەبلەغلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پرېزىدېنت ئوتتۇرىغا قويغان خامچوت تەلىپى دۆلەت مەجلىسى كېڭىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، مەبلەغنى قانداق ئىشلىتىشنى ئاخىرقى ھېسابتا دۆلەت مەجلىسى بەلگىلەيدۇ.
تىنچ ئوكيان تەھدىتى چاقىرىقى ئاساسلىقى خىتاينى چەكلەشكە قارىتىلغان بولۇپ، 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق خامچوت ئىشلىتىلىدۇ. بۇ چاقىرىقنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى ھېندى – تىنچ ئوكيان رايونىدىكى رىقابەت بولۇپ، رادار، سۈنئىي ھەمراھ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسىغا مەبلەغ سېلىش ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونىدىكى تەييارلىقىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدۇ. بەش بۈرجەكلىك بېنا رەيسىئون (Raytheon) شىركىتى ياساپ چىققان جەڭ پالتىسى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا (Tomahwk) ۋە ئۆلچەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا 6 (SM-6) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىغا بولغان مەبلەغنى كۆپەيتىدۇ.