ئاسىيائافرىقاخەلقئارا خەۋەرلەرياۋروپا

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ «تۈركىيە بىلەن نورماللىشىش» باياناتى تۈركىيەدىكى مىسىرلىقلارنى ئەندىشىگە سالدى

مەنبە: Mepa News 

2021-يىلى 7- ئاينىڭ  04- كۈنى، يەكشەنبە

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىخ شۇكرى تۈركىيە بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ مۇناسىۋەتنى داۋاملىق نورماللاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مىسىردىكى مەتبۇئاتلرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تۈركىيە تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ «مۇناسىۋەتنىڭ نورماللىشىشى» ئۈچۈن داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆكتىچى قاناللارنىڭ تۈركىيەدە تىزگىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن ئالاقىلىشىش بىر مەزگىل داۋاملاشىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن شۈكۈر بۇ ئالاقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىن باش ئەلچىسى سېدات ئۆنال باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى 5-6-ماي كۈنلىرى قاھىرەدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىكى مىسىرلىقلار ئەندىشىدە

تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ كۈندىن كۈنگە يېقىنلىشىۋاتىقان مۇناسىۋىتى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مىسىرلىقلارنى بىئارام قىلىپلا قالماستىن يەنە مىسىرغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلگىنىمىزدەك يېقىنقى كۈنلەرگىچە مىسىر ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىق نۇرغۇن رەھبەر ۋە پۇقرالارغا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button